ئەردوغان تارىخنى قوغداش جەھەتتىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق تارىخنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل قەدەملەرنى تاشلىغانلىقلىرىنى ۋە ھەر تۈردە مەبلەغلەرنى سېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1733853
ئەردوغان تارىخنى قوغداش جەھەتتىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇررەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز مۇزېيى نامرات دۆلەت بولۇشتىن قۇتۇلىمىز، مۇزېيلار جەھەتتە دۇنيا بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىمىز ۋە رىقابەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (2021-يىلى 14-نويابىر) كى چاناققەلئە زىيارىتى جەريانىدا، تۈركىيەدە سېلىنغان ئەڭ گۈزەل ۋە ئەھمىيەتلىك كۈلتۈر - سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان ترويا مۇزېيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەڭ زامانىۋى مۇزېيلارنىڭ ئۆز ھاكىمىيەت دەۋرىدە ياسالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «بىز يالغۇز تارىخنىڭ ماددىي يادىكارلىقلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي قىممەت قارىشىنىمۇ قوغداۋاتىمىز ۋە ئىگە چىقىۋاتىمىز. بىز مۇزېي نامرات دۆلەت بولۇشتىن قۇتۇلىمىز، مۇزېيلار جەھەتتە دۇنيا بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىمىز ۋە رىقابەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر