تۈركىيە ئىران بىلەن ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مۇناسىۋەتلىرىنى، شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1734120
تۈركىيە ئىران بىلەن ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ
Cavusoglu-Abdullahiyan.jpg
mevlut cavusoglu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىران پايتەختى تېھراندا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن كۆرۈشتى ۋە بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ھۈرمۈزگان ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن سەۋر تىلەپ، تۈركىيەنىڭ قېرىنداش ئىرانغا تەسەللىي ئۈچۈن زۆرۈر ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن بىرلىكتە 7-قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى، كۆچ، ئادەم ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ بارلىق مۇنبەرلەردە ئىرانغا قارىتا بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ۋەسىلە بىلەن، بارلىق تەرەپلەر كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت پىلانىنىڭ رولىنى قايتىدىن جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمىز. ئىرانغا بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك.»

ئۇ ئىككى دۆلەت جايلاشقان رايوندا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، رايونلۇق مەسىلىلەردە دىيالوگ ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ، ھەر دائىمكىدىن بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئىران بىلەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىران ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ترانزىت يولىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سودىنى ئاشۇرىدىغان ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنى كۈچەيتىدىغان ھەر قانداق لايىھەنىڭ ئىچىدە بولۇشنى خالايمىز، شۇنداقلا قوللايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقلار ئۈچۈن ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن نۇرغۇن رايونلۇق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە بىر قېتىملىق پايدىلىق كۆرۈشۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر