بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادا يوقاپ كەتكەن تۈرك ئۈچۈن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلدى
بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادا قارا يامغۇردا يوقاپ كەتكەن تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈن تۈركىيەدىن مەخسۇس ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلدى.
1733356
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ھەربىي ئايروپىلان، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادا مەيدانغا كەلگەن قارا يامغۇردا يوقاپ كەتكەن تۈركىيە پۇقراسىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئەترەت بىلەن كېرەكلىك ئەسلىھە ھەم ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ، پايتەخت ئەنقەرەدىن سارايىۋوغا قاراپ يولغا چىققان.