«تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتلىرى پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى» نىڭ قۇرۇلۇشى تەكلىپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىزدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن نىڭ قۇرۇلۇشىنى تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

1733287
«تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتلىرى  پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى» نىڭ قۇرۇلۇشى تەكلىپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 8-نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىستانبۇلدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر ئارىلىدا باشلاندى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئۈستىدە توختىلىپ: «پ ك ك|ي پ گ، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق ھەر قانداق تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ مەسىلىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ تەبىئىي ئاپەتلەر توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«يېشىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەرگە بىرلىكتە قاتنىشىشىمىز كېرەك. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن <تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتلىرى پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى> نىڭ قۇرۇلۇشىنى تەكلىپ قىلىمىز.

ئۇ يەنە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دۇچار بولغان يالغۇزلۇق ۋە ئېمبارگونىڭ يەڭگىللىشىدە، قىممەتلىك ياردىمىڭلارغا ئىشىنىمىز. ئىسلام ۋە چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىشقا ئوخشاش دەۋرىمىزنىڭ ۋاباسى بولغان ئېقىملارغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.

ئائىلە فوتوگرافىمىزنىڭ تېخىمۇ مول بولۇشى ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئارىمىزدا كۆرۈشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز.»

ئۇ تۆت يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تېكنوفەست (TEKNOFEST) نىڭ كېلەر يىلى (2022) ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ: «قېرىندىشىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ دۇنيادا يالغۇز ئەمەسلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم ياردەم ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۈگۈن تۈرك دۇنياسى دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئورتاق نىشانىمىز بار، بۇ ئورتاق نىشان ساغلام ئاساسقا ئىگە قىلىنىشى كېرەك. زەنگەزۇر كارىدورى تۈرك دۇنياسىنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ ۋە بىزنى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدۇ» دېدى.

«يېشىل تېخنولوگىيەلەر ۋە دىجىتال دەۋرىدە ئەقىللىق شەھەرلەر» تېمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپپاروۋ، ئۆزبېكستان پىرېزدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ، كۆزەتكۈچى دۆلەت تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەت ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان قاتناشتى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر