«شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىپ توك چىقىرىشتا رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى»

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشتا 10 – نويابىر كۈنى 181 مىڭ 48 مېگاۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرىلىپ، رېكورت بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1733209
«شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىپ توك چىقىرىشتا رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ مىنىستىرى دۆنمەز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشتا، 10 – نويابىر كۈنى 181 مىڭ 48 مېگاۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرىلىپ، رېكورت بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى، شۇ كۈنى ئومۇمىي توك ئىشلەپچىقىرىشتا،  شامال ئېنېرگىيەسى نىسبىتىنىڭ % 20.1 ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: ««تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى تېخى كەينىمىزدە، بىز يېڭى نىشانلارغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر