سويلۇ گىرېتسىيە كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىق تىلەش ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ گىرېتسىيە كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىق تىلەش ئىشلىرى مىنىستىرى نوتىس مىتاراكىس بىلەن كۆرۈشتى.
1728563
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ بىلەن گىرېتسىيە كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىق تىلەش ئىشلىرى مىنىستىرى نوتىس مىتاراكىس، ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، پايتەخت ئەنقەرەدە بىخەتەرلىك ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، كۆچمەنلىك، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.