تۈركىيەنىڭ ياڭراق ساداسى TRT World قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتىنچى يىلىنى تەبرىكلىمەكتە

تۈركىيەنىڭ ساداسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان تېلېۋىزىيە قانىلى TRT World قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتىنچى يىلىنى تەبرىكلىمەكتە.

1726774
تۈركىيەنىڭ ياڭراق ساداسى TRT World قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتىنچى يىلىنى تەبرىكلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى – ت ر ت، دۆلەت مىقياسىدىلا ئەمەس، خەلقئارا سەھنىدىمۇ بىتەرەپ ۋە ئۇتۇقلۇق خەۋەرچىلىك چۈشەنچىسىنى بويلاپ ئالغا بېسىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ چۈشەنچىنىڭ مەھسۇلى بولغان ھەمدە قۇرۇلغان كۈنىدىن بۇيان دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رايونلىرى ۋە قىزىق نۇقتىلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئىنساننى مەركىزىي ئورۇنغا قويغان ھالدا كۆرۈرمەنلىرىگە سۇنۇپ، دۇنيا خەۋەرچىلىك ساھەسىدە ئۆزگىچە سادا بولۇشقا مۇۋەپپەق بولغان TRT World، قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتىنچى يىلىنى تەبرىكلىمەكتە.

قۇرۇلۇش خاتىرە كۈنىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتقان ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى: «تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئىنگلىزچە قانىلى TRT World ئالتە ياشقا كىردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ياڭراق ساداسى بولۇشنى ۋە ئۆزگىرىشكە ئىلھام بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ياشىسۇن TRT World » دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر