تۈركىيە چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان چەت ئەللىك تېررورچىلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە 2011- يىلدىن بۇيان 8585 چەت ئەللىك تېررورچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

1726828
تۈركىيە چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان چەت ئەللىك تېررورچىلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك/ پ ي د ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەللىك تېررورچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 2011 – يىلى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ 102 دۆلەتتىن كەلگەن جەمئىي 8585 چەت ئەللىك تېرورچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقى تەكىتلەندى.

چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىغاندا، 2011  - يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن 44، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن 1075 تېررورچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

باياناتتا، 2019 - يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 12 دۆلەتتىن كەلگەن 126، ئۆتكەن يىلى 8 ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىدىن كەلگەن 95 تېررورچىنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئايلىق مەزگىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 61 چەت ئەللىك تېررورچىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلغان چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىغاندا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە، رومىنىيە ۋە ئەنگلىيە ئالدىنقى 8 ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر