شەنتوپ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بۈگۈنكىگە ئوخشاش كەلگۈسىدىمۇ ئاساسىي نىشانلاردىن، قايتىدىن بۈيۈك تۈركىيە دەۋاسىدىن قەتئىي ۋاز كېچىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1726553
شەنتوپ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەدە ۋە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق پۇقرالارنىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ: <<بىز بۈگۈن خاتىرىلىگەن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 98-يىلى قۇتلۇق بولسۇن. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تۇنجى رەئىسى، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئاساس قىلغان مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى، بۈگۈنگىچە خەلقىمىزگە ۋە دۆلىتىمىزگە خىزمەت قىلغان چوڭلىرىمىزدىن ۋاپات بولغانلارنى، ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى تازىم بىلەن ياد ئېتىمەن. بۇ ئەزىز زېمىنلارنى بىزگە ۋەتەن قىلغان ۋە ۋەتەن سۈپىتىدە ئەبەدىي مەۋجۇت قىلىش ئۈچۈن شاھادەت ئىچكەنلەرگە، غازىلىرىمىزغا خەلقىمىز نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن>> دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

<<بۈگۈن ئازادلىق ئۇرۇشىمىزنىڭ قوماندانلىق مەركىزى، مىللىي ئىرادەنىڭ ماكانى غازى مەجلىسىمىز تەبرىكلىگەن ۋە ھاياجان ئىچىدە كۈتۈۋاتقان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100-يىللىقىغا، زور شان-شەرەپ، يۈكسەك يۇقىرى ئاڭ بىلەن يېتىشنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمەن. بۈگۈنكىگە ئوخشاش كەلگۈسىدىمۇ ئاساسىي نىشانلاردىن، قايتىدىن بۈيۈك تۈركىيە دەۋامىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز. تولۇق مۇستەقىللىق، بىزنىڭ خاراكتېرىمىز، ئەزىز خەلقىمىزنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىغا ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىك بىلەن كەلگۈسىنى بىنا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، قوغداش ۋە قوللاش مەسىلىسىدىكى ئىرادىسى قەتئىيدۇر. يۈز يىل بۇرۇن يەتتە دىۋىنىڭ ئىشغال پىلانىنى يوق قىلغان بۇ خەلق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەركىن، تولۇق مۇستەقىللىق غايسى ۋە بارلىق كۈچى بىلەن يەر شارىلاشقان ئويۇنلارنىڭ چارقلىرىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ، غازىلىرىمىزنىڭ، شېھىتلىرىمىزنىڭ ئامانەتلىرى بىزنىڭمۇ ئامانىتىمىز ھېسابلىنىدۇ. جۇمھۇرىيەت بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن.>>



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر