ئەردوغان: <<يېتەرلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ۋە بىخەتەر يېمەكلىككە ئېرىشىش ھەممە كىشىنىڭ ھوقۇقى>>

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېتەرلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ۋە بىخەتەر يېمەكلىككە ئېرىشىشنىڭ ھەممە كىشى ئۈچۈن ئاساسىي ھەق-ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1725692
ئەردوغان: <<يېتەرلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ۋە بىخەتەر يېمەكلىككە ئېرىشىش ھەممە كىشىنىڭ ھوقۇقى>>

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 8-قېتىملىق يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا مەسئۇل مىنىستىرلار كونفېرانسىغا ۋىدېئو ئەۋەتتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋىدېئودا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يېمەك-ئىچمەك تەلىپىنىڭمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەبىئىي ئاپەتلەر، سۇ قىسلىقى، ئوت ئاپەتلىرى، سەل، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەنبەلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئېھتىياج-تەلەپ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە ئۈزۈلۈشكە سەۋەپ بولغانلىقىنى  ۋە دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %10 نىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ دۇنيانىڭ بىر تەرىپىدە 810 مىليون كىشى ئەڭ ئاساسىي يېمەك-ئىچمەك ماددىلىرىغا ئېرىشەلمىگەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر تەرەپتە چوڭ سەرمايە خوجايىنلىرىنىڭ بىر قانچە مىنۇتلۇق ئالەم ساياھىتى ئۈچۈن يۈز مىليونلارچە دوللار خەجلەۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

<<ئۇچۇر-ئالاقە تېز تەرەققىي قىلغان، دۇنيا بىر يېزىغا ئايلانغان مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ھېچكىم باشقىلاردىن مېنىڭ نېمە كارىم دېيەلمەيدۇ. يېتەرلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ۋە بىخەتەر يېمەكلىككە ئېرىشىش ئالاھىدە ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى ھەممە كىشى ئۈچۈن ئاساسىي ھەق-ھوقۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ئۈچۈن ئاۋازىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن زۆرۈر مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشىمىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.>>

ئۇ ئاخىرىدا، كەڭ كۆلەمدە تېرىقچىلىق قىلغىلى بولىدىغان يەرلىرى، كىلىمات ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى سايىسىدا يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىدا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركىيەنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر