تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 215 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 215 كىشىىگە يەتتى.

1725548
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 215 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 356 مىڭ 636 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 29 مىڭ 643 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 31 مىڭ 467 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 115 مىليون 674 مىڭ 594 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر