خۇلۇسى ئاقار سېربىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار سېربىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نېبوجسا ستېفانوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.

1725907
خۇلۇسى ئاقار سېربىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار مەنسەپدىشى ستېفانوۋىچنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ھەربىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى.

ئىككى مىنىستىر دەسلەپتە ئايرىم كۆرۈشتى، ئاندىن ھەيئەتلەر ئارا  سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇچرىشىشتا ئۆزئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

خۇلاسى ئاقار جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇچىچ تەرىپىدىن سىزىلغان رامكا ئىچىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان خۇلۇسى ئاقار، بالقان رايونىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ تۈركىيە ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر