جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى رىمدا سۆھبەت يىغىنى ئاچىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

1725871
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى رىمدا سۆھبەت يىغىنى ئاچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، 10-ئاينىڭ 30-، 31-كۈنلىرى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، «كوۋىد -19 دىن كېيىنكى يەر شارىنىڭ باشقۇرۇلۇشى: تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ باراۋەر، ئادىل، چىدامچان ۋە سىجىل دۇنيا بەرپا قىلىش تەسەۋۋۇرى» دېگەن تېمىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

سۆھبەت يىغىنىدا، كوۋىد -19 يۇقۇمىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە تۈركىيەنىڭ يەر شارىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى، 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ب د ت ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

سۆھبەت يىغىنىدا يەنە، كېلىمات ئۆزگىرىشى، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش، نامراتلىق ۋە تەڭسىزلىكنى يېڭىشنىڭ يوللىرى، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە يەر شارىۋى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى قاتارلىق كۈنتەرتىپتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا G-20 باشلىقلار يىغىنى ۋە كۈنتەرتىپتىكى تېمىلار توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر