تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 232 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 232 كىشىىگە يەتتى.
1725029
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 351 مىڭ 152 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 27 مىڭ 663 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 30 مىڭ 824 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 115 مىليون 480 مىڭ 511 گە يەتتى.