چاۋۇشئوغلۇ كورېيە ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قەبىرىسنى يوقلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان شەھىرىدىكى كورېيە ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك ئەسكەرلىرى قويۇلغان ب د ت خاتىرە قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى.

1723866
چاۋۇشئوغلۇ كورېيە ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قەبىرىسنى يوقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، بۇساندىكى ب د ت خاتىرە قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە يېتىۋاتقان تۈرك ئەسكەرلىرىگە دۇئا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شېھىتلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا خاتىرە قەبرىستانلىقىغا گۈلچەمبىرەك قويغان چاۋۇشئوغلۇ، قەبرىستانلىق ۋە مۇزېي زىيارىتىدىن كېيىن خاتىرە دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر