تۈركىيە – جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا 2 كېلىشىم ئىمزالاندى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چۇڭ ئەييوڭ بىلەن ئىككى يېڭى كېلىشىم ئىمزالىدى.

1723487
تۈركىيە – جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا 2 كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېۇلدا، جەنۇبىي كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چۇڭ ئەييوڭ بىلەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، يېڭىلانغان قوش باج تۈزۈمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە ئىككى يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

كېيىنچە، جەنۇبىي كورېيە باش مىنىستىرى كىم بوكىيۇم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان چاۋۇشئوغلۇ، يەنە، جەنۇبىي كورېيەلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى بان كىمون بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر