فاھرەتتىن ئالتۇن تۈرك كېڭىشى مېدىيا مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

تۈرك كېڭىشىنىڭ «ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆتمۈش، كۈچلۈك كەلگۈسى» تېمىلىق ئاخبارات مۇنبىرى يىغىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ساھىبخانلىقىدا باشلاندى.

1723683
فاھرەتتىن ئالتۇن تۈرك كېڭىشى مېدىيا مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى دىرېكتورى فاھرەتتىن ئالتۇن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشىدىكى سۆزىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدا «ھەقىقەت كۈرىشى» قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز يالغانغا ۋە خاتا ئۇچۇرلارنى يېيىشقا قارشى ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇشنى ئەخلاقىمىزنىڭ تەلىپى ۋە شوئارى دەپ قارايمىز» دېدى.

بۇ خىل ئەخلاقىي مەيداننىڭ «ھەقىقەتتىن ھالقىغان بىر ئىش» دەپ قارىلىۋاتقان ھازىرقىدەك چاغدا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئالتۇن ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ھەقىقەتنى مەنىسىزلەشتۈرۈشكە، ئەھمىيەتسىزلەشتۈرۈشكە، جەمئىيەتلەرنى مەدەنىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىدىيەۋى جەھەتتىن مۇستەملىكە قىلىشقا ئۇيغۇن ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان تولۇق مەنىدىكى يالغان سانائىتىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇ يالغان سانائىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا  <يالغان خەۋەرلەر> ياكى <توقۇلما مەزمۇن>لاردىن  پايدىلىنىپ جەمئىيەتلەرنى بىز ۋە ئۇلاردىن ئىبارەت ئىككى خىل قۇتۇپقا ئايرىشقا، مەھكۇم قىلىشقا تىرىشماقتا. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بىز يالغانچىلىق كەسپىگە، خاتا ئۇچۇرغا قارشى كۈرەشنى دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايمىز ۋە بارلىق قەدەملىرىنى مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان ھالدا تاشلىماقتىمىز.

يەنە بىر تەرەپتىن، خاتا ئۇچۇرنىڭ يالغۇز ئىجتىمائىي تاراتقۇدىلا ئەمەس، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلاردىمۇ بارلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇلارنىڭمۇ پات - پاتلا جەمئىيەتنىڭ رېفلىكىسسىنى سىنايدىغان ۋە كاشىلا لىنىيەسىنى قوزغىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە مەن بىر قىسىم چەت ئەل دۆلەتلىرى مەبلەغ سالغان ئورگانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزدىكى كېڭەيمىلىرىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن. بىز بۇ زامانىۋى ترويالارغا قارشى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ زىيانلىق پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە توختىتىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، «بۈگۈن تۈرك كېڭىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ۋەزىپىمىز رەقەملىك فاشىزم، تور جاھانگىرلىكى ۋە يەرشارى يالغانچىلىق كەسپىگە قارشى ئورتاق ئۇچۇر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش يوللىرىمىزنى كۈچەيتىش بولۇشى كېرەك. بۇ دائىرىدە، رەھبەرلىرىمىزنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان پاراللېل ھالدا ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىدىمۇ توغرا ھەرىكەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئاڭ بەرپا قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئالتۇن تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بارلىق كۈچلۈك ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيە رادىيو -تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى — TRT ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاق تۈرلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالتۇن: «ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىمىزنىڭ بايرىقى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىز — مەن ۋە سەپداشلىرىم— پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە باياشاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھېچقانداق تەھدىتكە پىسەنت قىلماستىن، ھەرقانداق ھەيۋىگە بويۇن ئەگمەستىن.داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن، تۈرك دۇنياسىنىڭ يەر شارى ئالاقە ساھەسىدىكى ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇچۇر بۇلغىنىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر