ئەردوغان: مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئىمكانىيەتلىرىمىزنى نىگېرىيە بىلەن ئورتاقلىششىقا تەييارمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئىمكانىيەتلىرىنى نىگېرىيە بىلەن ئورتاقىلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1722563
ئەردوغان: مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئىمكانىيەتلىرىمىزنى نىگېرىيە بىلەن ئورتاقلىششىقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا دۆلەتلىرى (ئانگولا، توگو، نىگېرىيە) زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجادا نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارىي بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان بۇخارىي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – نىگېرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تولۇق كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇنى بارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيە – ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «ئافرىقادىكى ئەلچىخانىلىرىمىزنىڭ سانى 43 كە يەتتى. 21 – 22 – ئۆكتەبىردە 3 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىنى ئىستانبۇلدا ئاچىمىز. ئارقىدىن 17 -، 18 – دېكابىر كۈنلىرى يەنە ئىستانبۇلدا 3 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىمىز» دېدى.

نىگېرىيەلىك نۇرغۇن ياشلارنىڭ تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇپ، تۈركىيە ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «مۇداپىئە سانائىتى ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدە دۇنيا مىقياسىدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن، ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىدارىمىزنى نىگېرىيە بىلەن ئورتاقلىشىشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ نىگېرىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پ ك ك، پ ي د، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (فەتۆ)، دائېش قاتارلىق نۇرغۇن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرۈش قىلدۇق. 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى قەبىھ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ جاۋابكارى فەتۆنىڭ نىگېرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز پائالىيەتلىرى توغرىسىدا نىگېرىيە دائىرلىرىگە تېگىشلىك ئۇچۇرلارنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارىيمۇ سۆزىدە «ئېنېرگىيە، مۇداپىئە سانائىتى، كانچىلىق ۋە ھىدروكاربون ساھەلىرىدە كېلىشىملەرنى ئىمزالىدۇق. بۇ كېلىشىمنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشىنى  ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر