قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا ئورنى بېكىتىلمەي تۇرۇپ، سۆھبەت باشلانمايدۇ

تۈركىيە، گىرېتسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ۋە مىسىر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، «ھەم تۈركىيەنىڭ ھەمدە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق- ھوقۇقلىرىنى قوغداشنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

1722336
قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا ئورنى بېكىتىلمەي تۇرۇپ، سۆھبەت باشلانمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈچ تەرەپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 19-ئۆكتەبىر) گىرېتسىيە ، مىسىر ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتنىڭ، گىرېتسىيە-رۇم ئىككى تەرەپنىڭ تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقان دۈشمەنلىك سىياسىتىنىڭ يېڭى نامايەندىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. بۇ باياناتقا مىسىرنىڭمۇ قوشۇلۇشىنىڭ بولسا، قاھىرە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ھەمكارلىشالايدىغان توغرا يەرنى تېخى بىلەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

<<شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولماي تۇرۇپ ھېچقانداق ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى دوستلارغىمۇ، دۈشمەنلەرگىمۇ كۆرسەتتۇق>> دېيىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان ئېنېرگىيە لايىھەلىرىنى قوللىغانلىقىنى، ئەمما بۇ لايىھەلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ھەمدە مەنپەئەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى، ئەكسىچە كەڭ دائىرىلىك بولۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئۈچ تەرەپ باياتىنىڭ دەل ئەكسىچە، رايوندىكى جىددىيلىكنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنىڭ گىرېتسىيە-جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنسىز دېڭىز چېگرا تەلەپلىرى ۋە قىبرىس تۈركلىرىنى يوق ھېسابلاش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. باياناتتا يەنە، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا جىددىيلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغان كۈنلەردە زۆرۈر جاۋابنىڭ بېرىلىپ، ھەم تۈركىيەنىڭ ھەمدە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ داۋاملىق قەتئىي قوغدىلىدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:

«ئارالدىكى پاكىتلارنى رەت قىلىدىغان قاراش، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشالمايدۇ. بىز قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە باراۋەر خەلقئارا ئورنى بېكىتىلمەي تۇرۇپ، يېڭى سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىز.

ئۇندىن باشقا، بىر قاتار قانۇنسىز گۇرۇپپىلارنى قوللىشى بىلەن لىۋىيەنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ، ئەمدىلىكتە بىز لىۋىيەنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىملەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى، ئالدى بىلەن لىۋىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر