تۈركىيە نىگېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە نىگېرىيەنىڭ سوكوتو ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
1721643
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 2021 – يىلى 18 – ئۆكتەبىر نىگېرىيەنىڭ سوكوتو ئۆلكىسى گورونيو رايونىدىكى بىر قايناق بازاردا سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 43 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە ۋاقىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «بۇ قەبىھ تېررورلۇق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن دوست ۋە قېرىنداش نىگېرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.