تۈركىيە خەلقئارالىق تەرتىپتىكى قىيىنچىلىقلارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن دۇنياۋى مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق تەرتىپتىكى قىيىنچىلىقلارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1721958
تۈركىيە خەلقئارالىق تەرتىپتىكى قىيىنچىلىقلارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن <<كۈچ ۋە پارادوكس:21-ئەسىردە بۈيۈك ئىستراتېگىيەنى چۈشىنىش>> تېمىسى ئاستىدا باشلانغان 5-قېتىملىق <<2021 ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى>> غا ۋىدېئو ئەۋەتتى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) كىرىزىسىنىڭ دۇنياغا سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ۋاقىتتا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 2020-يىلىدا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا نۇرغۇن خەلقئارالىق توقۇنۇشلارغا چارە تېپىلمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مەزكۇر مۇساپىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈشىنى ۋە دىققىتىنى  دۇنياۋى تەھدىتلەرگە قارشى كۈرەشكە مەركەزلەشتۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىنسانىي بالايى-ئاپەتلەردىن كىلىمات ئۆزگىرىشىگىچە بولغان دۇنياۋى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ئىسلاھات قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق سىستېمىدىكى قىيىنچىلىقلارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

<<جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيەمىزنى پەقەت مۇھىم خەۋپسىزلىك قايغۇلىرىمىزغىلا ئەمەس، بەلكى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تاپىدىغان شەكىلدە ئىسلاھ قىلدۇق. يېقىن ئەتراپىمىزدىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنى، تاشقى سىياسىتىمىزدە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدىن قىلدۇق. تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ تۈزگۈچىلىرى سۈرىيە، لىۋىيە ۋە ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان پائالىيەتلەرنى قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاقدېڭىز ۋە ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە ئىختىلاپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق كىرىزىس ساھەلىرىدە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى دىيالوگ ۋە ئىجابىي دىپلوماتىيەگە ئىشتىراك قىلىشقا دەۋەت قىلدۇق. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بۇ ساھەلەردىكى ئىختىلاپلارنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق كونفېرانسلار ئۆتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلدى>> دېدى.

ئۇ كىرىزىس ۋاقىتلىرىدا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەرنىڭ باشلامچىلىق رولى ئويناشنى ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن باشقا خەلقئارالىق كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىدىكى نۇتۇق ۋە مۇنازىرەلەرنىڭمۇ، بۇ نىشانلارغا يېتىشكە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر