دۇنيا سۆزلىشىشكە، مۇنازىرەگە، ئورتاق پىكىر يۈرگۈزۈشكە، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا موھتاج

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) نىڭ باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى دۇنيانىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك سۆزلىشىشكە، مۇنازىرەگە، ئورتاق پىكىر يۈرگۈزۈشكە، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋە يېڭى تونۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1721994
دۇنيا سۆزلىشىشكە، مۇنازىرەگە، ئورتاق پىكىر يۈرگۈزۈشكە، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا موھتاج
Mehmet Zahid Sobacı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى بۇ يىل (2021) توردا «كۈچ ۋە پارادوكس: 21-ئەسىردىكى بۈيۈك ئىستراتېگىيەنى چۈشىنىش» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن <<2021 ت ر ت  ۋورلد مۇنبىرى>> نىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.

ئۇ 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 100 گە يېقىن سۆز قىلغۇچىنى كۈتۈۋالغان ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىدە، ئىككى كۈن بويىچە بارلىق ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك سۆزلىشىشكە، مۇنازىرەگە، ئورتاق پىكىر يۈرگۈزۈشكە، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋە يېڭى تونۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ دۆلەتلەرنىڭ ئىلگىرى دۇچار بولمىغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئورتاق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

<<يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورىزم، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)، ئېكولوگىيەلىك ئاپەتلەر، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، ئىنتېرنېت تور جىنايەتلىرى ۋە تور ھۇجۇملىرى، ئاممىۋى كۆچمەنلەر ۋە كىرىم تەقسىماتى قاتارلىق دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىغان مۇرەككەپ مەسىلىلەر، يەرشارى سىياسىي-ئىقتىسادىي سىستېمىسىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك كرىزىسقا ۋە تەھدىتلەرگە دۇچار قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارالىق سەۋىيەدە مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا تايىنىشنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى. يەر شارى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرتىپنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئەتراپلىق ۋە ئۈزۈكسىز دۇنياۋى ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىشقا باغلىق.>>

ئۇ ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى بىلەن، دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك نۇقتىئىينەزەردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: <<بىز ئىنساننى مەركەز قىلغان ئاخباراتچىلىق قىلىش چۈشەنچىمىز بىلەن، ئارتۇقچىلىققا ئىگە جۇغراپىيەلەرنىڭ، جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنىڭ ساداسى بولۇشقا تىرىشىمىز. ئاخباراتچىلىق پىرىنسىپىمىزغا ئاساسەن،  دۇنيامىزغا تەھدىت سالىدىغان بارلىق كىرىزىسلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى تېلېۋىزىيە ۋە رادىيو قاناللىرىمىز، دىجىتال سۇپىلىرىمىز ئارقىلىق يەتتە قىتئەگە 41 تىلدا يەتكۈزىمىز>> دېدى.

ئۇ بۇ مۇساپىدە ئاخباراتچىلارغىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتلەرنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىدىغان، ئىجتىمائىي ۋە دۇنياۋى تونۇشنى ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشىدىغان يېڭى ئاخباراتچىلىق ئېڭى، رەقەملىك باشقۇرۇش دەۋرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىنى كېلەچەكنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەقلىي مۇنازىرە سۇپىسى دەپ كۆرىمىز. >>



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر