ئەردوغاننىڭ ئانگولا زىيارىتى باشلاندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولغان ئانگولانىڭ پايتەختى لۇئانداغا يېتىپ باردى.

1720988
ئەردوغاننىڭ ئانگولا زىيارىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «لۇئاندا كۋورتو دې فېۋىرېيرو خەلقئارا ئايرودۇرۇمى» (LuandaQuatro de Fevereiro) دا، ئانگولا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەتې ئانتونىيو (Tete Antonio) ۋە تۈركىيەنىڭ لۇئاندادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالپئاي تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسمىي كۆرۈشۈشلىرى بۈگۈن (2021-يىلى 18-ئۆكتەبىر) باشلىنىدىغان بولۇپ، ئانگولا پىرېزىدېنتى ژوا گونچالۋېس لورېنچو (Joao Manuel Gonçalves Lourenço) تەرىپىدىن پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئىككى رەھبەر ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانگولا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. دوكتور ئانتونىيو ئاگوستىنخو نېتو (AntonioAgostinho Neto) نىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويىدۇ. تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ ئانگولا-تۈركىيە سودا مۇنبىرىغا قاتنىشىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر