بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېل رىفات رايونىدا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى

سۈرىيەنىڭ تېل رىفات رايونىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى سۈرىيە مىللىي ئارمىيgsh (SMO) نىڭ ئالدىنقى سېپىگە سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشى توسۇپ قىلىندى.

1720870
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېل رىفات رايونىدا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزالىرى ئازەزنىڭ جەنۇبىدىكى كەفەر كاشىر رايونىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە كېچىدە سىڭىپ كىرمەكچى بولدى.
بۇنىڭغا قارىتا سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى (SMO) ئەسكەرلىرى ئېغىر قوراللار بىلەن جاۋاب قايتۇردى. نەتىجىدە، سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشى چېكىندۈرۈلدى.
يەرلىك بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن چېكىندۈرۈلۈشى كېرەكلىك بولغان تېل رىفات رايونىدىن ئافرىن، مارې ۋە ئازەز رايونى ناھىيە مەركەزلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.


خەتكۈچ: #پ ك ك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر