تۈركىيە - گوللاندىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە —  گوللاندىيە سىياسى مەسلىھەت يىغىنى باش ئەلچىسى فارۇق قايماقچى بىلەن گوللاندىيە ياۋروپا ھەمكارلىق ئىشلىرى باش دىرېكتورى ئانىتا ۋان دېن ئېندېنىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

1720442
تۈركىيە - گوللاندىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە —  گوللاندىيە سىياسى مەسلىھەت يىغىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى باشقارمىسى باشلىقى باش ئەلچىسى فارۇق قايماقچى بىلەن گوللاندىيە ياۋروپا ھەمكارلىق ئىشلىرى باش دىرېكتورى ئانىتا ۋان دېن ئېندېنىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

فارۇق قايماقچى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، تۈركىيە — گوللاندىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش جەريانىدىكى ئىرادىسىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغانلىرىمىزنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر