شىمالىي ئىراقتا تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى شېر پەنچىسى ۋە چاقماق پەنچىسى رايونلىرىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1720530
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىمىز پائال ۋە قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى شېر پەنچىسى ۋە چاقماق پەنچىسى رايونلىرىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى تۆت تېررورچى قۇرۇقلۇق ۋە ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانىلىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.