مېركېل تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كەلدى.

1720523
مېركېل تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئىستانبۇلدىكى خۇبەر سارىيىدا كۆرۈشىدىغان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى ئەتراپلىق كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا تاشلاشقا بولىدىغانلار قەدەملەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرمۇ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر