ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا يېقىنقى 2 كۈن ئىچىدە «پەنجە – چاقما» ۋە «پەنجە – گۈردۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1720103
ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىدەك، <تېررورچىلار قەيەردە بولسا ھۇجۇم نىشانىمىز شۇ يەر بولىدۇ> پارولى ئارقىلىق، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرى داۋاملىق يەر بىلەن يەكسان قىلىنماقتا. بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان <پەنجە – گۈردۈرماما> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 8 تېررورچى ئالاھىدە ئەترەتلەر تەرىپىدىن، مەتىنا رايونىدىكى <پەنجە – چاقماق> ساھەسىدە بولسا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 5 تېررورچى قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ئۇرۇش ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر