مېركېل ئەتە تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئەتە (2021-يىلى 16-ئۆكتەبىر) تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1720126
مېركېل ئەتە تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۇچرىشىشلار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېسىشقا مۇمكىن بولىدىغان قەدەملەر، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە ئافغانىستاننى ئاساس قىلغان ھالدا رايونلۇق ھەمدە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر