ئاقار: تېررورغا قارشى قەدەملەر ۋاقتى كەلگەندە تاشلىنىدۇ

ئاقار ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەر، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.

1719532
ئاقار: تېررورغا قارشى قەدەملەر ۋاقتى كەلگەندە تاشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات بېرىپ: «ھوقۇق ۋە مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك قانداق ئىش بولسا، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە ھازىرغىچە قانداق ئىجرا قىلىنغان بولسا، ئورنى ۋە ۋاقتى كەلگەندە ئوخشاش شەكىلدە ئادا قىلىنىدۇ. ھېچكىم بۇنىڭدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئاقار يىغىندا، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالى، ئەگە، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىستىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

«ئالىيجاناب مىللىتىمىزنىڭ ھەققى ۋە ھوقۇقىنىڭ ھەر بىر زەررىسىنى قوغداش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېگەن ئاقار، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: بۇ يولدا قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر