سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

يېقىنقى 15 كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى رايونىدا 13، تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا 3 بولۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 16 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1719710
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەسى، يېقىنقى 15 كۈن ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى رايونىدا 13، تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا 3 بولۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 16 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورىزم مەنبەلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن، 2016 – يىلى 24 – ئاۋغۇستتىن 2017 – يىلى 29 – مارتقىچە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى، 219 – يىلى 9 – ئۆكتەبىردىن 2019 – يىلى 25 – نويابىرغىچە <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان، ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، رايون تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن تازىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر