تۈركىيە ئۆزبېكىستانغا ۋاكسىنا ۋە دورا ئىئانە قىلدى

ئۆزبېكىستاننىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرىشىگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە تەرىپىدىن ئىئانە قىلىنغان 200 مىڭ قۇتا سىنوۋاك ۋاكسىنىسى بىلەن 20 مىڭ قۇتا فاۋىپىراۋىر دورىسى تاشكەنتكە يېتىپ باردى.

1718937
تۈركىيە ئۆزبېكىستانغا ۋاكسىنا ۋە دورا ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى — THY نىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن ئىستانبۇلدىن تاشكەنتكە ئېلىپ بېرىلىپ، ئەلچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈلگەن ۋاكسىنا ۋە دورىلار ئۆزبېكسىتان سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى؛ ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئامرۇللا ئىناياتوف، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە ئاممىۋى سەھىيە ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باتىر قۇربانوف، تۈركىيەنىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولگان بەكار ۋە باشقا ئەمەلدارلار قاتناشتى.

قۇربانوف بۇ يەردە سۆز قىلىپ، تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ياردىمىنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرەشكە مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش ئەلچى بەكارمۇ بۇ ياردەمنىڭ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر