چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدىكى ھۇجۇملاردا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭمۇ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيەدىكى تېررورچىلارنى تازىلاش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1719024
چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدىكى ھۇجۇملاردا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭمۇ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە نىكاراگۇئا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېنىس مونكادا كولىندرېس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختالدى.

يېقىندىن بۇيان بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى؛ ئەڭ يېڭى ھۇجۇملاردا رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭمۇ جاۋابكارلىقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ: «ھەر ئىككى دۆلەت بۇ تېررورچىلارنى كەم دېگەندە 30 كىلومىتىر جەنۇبقا چىقىرىۋېتىدىغان بولغانىدى. رۇسىيە تەل رىفات بىلەن مۇنبىچنى تازىلايتتى. بۇ ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى» دېدى.

چاۋۇشوغلۇ رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇلار <ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيمىز> دېيىشىۋاتىدۇ، ئەمما كىم بۇ قوراللارنى بېرىۋاتىدۇ، سەن بېرىۋاتىسەن، ئاندىن رەسمىيەت ئۈچۈن ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىسەن. بۇ تېررورچىلار بۇ يەردە بولغىنىغا قارىغاندا، بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز ئۆز كىندىك بېغىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ كېسىشىدۇر. ئۇلارنى تازىلاش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا سۈرىيەنىڭ مەرا بازىرىدا ئېلىپ بارغان پەسكەشلەرچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىككى ساقچى شېھىت بولغانىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر رايوندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر