ئەردوغان: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستان خەلقىنى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇشتەك بىر تاللىشى يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستان خەلقىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇشتەك بىر تاللىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1718572
ئەردوغان: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستان خەلقىنى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇشتەك بىر تاللىشى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئافغانىستان تېمىلىق پەۋقۇلئاددە رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدىن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشىتراك قىلدى.

ئافغانىستاننىڭ يېڭى سىياسىي ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي رېئاللىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى تېزدىن كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ رايون ئۈچۈنلا ئەمەس، خەلقئارا ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «تالىباننى سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك» دېدى.

«خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستان خەلقىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇشتەك بىر تاللىشى يوق» دېگەن ئەردوغان، بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى تۈپەيلى ئافغانىستان خەلقى بىلەن كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا ئافغانىستاننى 33 توننا يېمەكلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بىز بۇ قىيىن كۈنلەردە ئافغانىستان خەلقىگە بولغان قېرىنداشلىق مەجبۇرىيىتىمىزنى داۋاملىق ئادا قىلىمىز» دېدى.

ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆچمەنلىك خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «تۈركىيە ئافغانىستان مەنبەلىك يېڭى كۆچمەنلەر يۈكىنى كۆتۈرۈپ كېتەلمەيدۇ. مەن 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بۇ گۇرۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنىمۇ تەلەپ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان تۈركىيە دۇچ كېلىدىغان كۆچمەنلەر بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ياۋروپا  دۆلەتلىرىنىڭ مۇقەررەر ئۇچرايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر