تۈركىيە يەمەندە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە يەمەننىڭ ئەدەن ۋالىيسى ئەھمەد ھامىد لاملاسىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ ۋە تەزىيە بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

1717595
تۈركىيە يەمەندە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «يەمەننىڭ ئەدەن ۋىلايىتىدە تۈنۈگۈن ئەدەن ۋالىيسى ئەھمەد ھامىد لاملاسىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا  خەۋەر تاپتۇق، بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت يەمەن خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

يەمەن ئۇچۇر ئىشلىرى مىنىستىرى مۇئەممەر ئەررىيانى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ئەدەن ۋالىيسى ئەھمەد ھامىد لاملاسىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 6 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئەدەن ۋالىيسى ئەھمەد ھامىد لاملاسى، ھۇجۇمدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر