چاۋۇشئوغلۇ بېلگرادتا سۇدان ۋە ھايتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يېتىپ بارغان سېربىيەدە، سۇدان ۋە ھايتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بېلگراد زىيارىتىمىزنى سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قېرىندىشىم مەريەم ئەسسادىق بىلەن كۆرۈشۈپ، كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق باشلىدۇق، بىزنىڭ سۇداننى قوللىشىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»
ئۇ ئىككىنچى ئۇچرىشىشى توغرىلىقمۇ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بېلگرادتىكى ئىككىنچى ئۇچرىشىشىمىزنى ھايتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلاۋۇد جوسېف بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئۇچرىشىشتا، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى ئىپادىلىدۇق.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى.