شىمالىي ئىراقتا پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
1717129
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېرروچىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.