ئالتۇن مەركەز بانكىسى باشلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
فاھرەتتىن ئالتۇن رېيتېرنىڭ تۈركىيە مەركىزى بانكىسى باشلىقى شاھاپ كاۋجىئوغلۇ توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئەنگلىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى — رېيتېرنىڭ تۈركىيە مەركىزى بانكىسى باشلىقى شاھاپ كاۋجىئوغلۇ توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فاھرەتتىن ئالتۇن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭمۇ تۈركىيە ھەققىدە يالغان خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خەۋەرنى «يالغان خەۋەر»گە ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتتى.
ئۇ ئۇچۇرىدا: «بىز ئىلگىرى يالغان خەۋەرلەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ مەسىلىسى دەپ ئويلايتتۇق. ئەمما ھازىر ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلارنىڭمۇ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھەتتا چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ خىل يالغانلارنى ئاسانلا تارقىتىۋاتىدۇ. بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋال. (بۇ خەۋەرلەرنىڭ) ھەر ئىككىسى يالغان» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.