چاۋۇشئوغلۇ ئوپىلىيە مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنادا ئوپىلىيە مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.

1716626
چاۋۇشئوغلۇ ئوپىلىيە مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئۇكرائىنا بىرلەشمە ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئۇكرائىنادا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گالىچيا ئالدىنقى سېپىدە شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك ئەسكەرلەر  يېتىۋاتقان لوپۇشىنيا ۋە روھاتىندىكى تۈرك شېھىتگاھلىقلىرىدىن كېيىن، ئوپىلىيە مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇبېلا بىلەن بىرلىكتە مۇزېي ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەپ، بىر – بىرىگە ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: «رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىمىزدىن كېيىنكى بۇ زىيارىتىمىز ھەممىمىزنى چەكسىز ھاياجانغا تاشلىدى، شېھىتلىرىمىزنى زىيارەت قىلدۇق، دۇئا قىلدۇق، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەقىقىي دوستلۇققا ئاساسلىنىدۇ، دەرۋەقە، مەن بۈگۈن زىيارەت قىلغان شېھىتگاھلىقلىرىمىز بىلەن بۇ مۇزېي، دوستلۇقىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىزنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۆتمۈشىمىز، ئەجدادلىرىمىز ۋە تارىخىمىزدىن ئۇزۇقلىنىپ، كېلەچەككىمۇ بىرلىكتە قەدەم تاشلايمىز.»

ئۇ يەنە، ئۇچرىشىشلارنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر