ئاقار: شېھىتنىڭ قېنى يەردە قالمىدى

سۈرىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا شېھىت قىلىنغان تۈرك ئەسكىرىنىڭ قېنىنىڭ يەردە قالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1716425
ئاقار: شېھىتنىڭ قېنى يەردە قالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا شېھىت قىلىنغان تۈرك ئەسكىرىنىڭ قېنىنىڭ يەردە قالمىغانلىقى، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ھۇجۇمنى سادىر قىلغان بەش تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى دېڭىز ئارمىيەسى مەكتىپىنىڭ 2021 – 2022 – يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شېھىتلەرگە رەھمەت تىلىدى ۋە «شېھىتلىرىمىزنىڭ قانلىرىنى يەردە قويمىدۇق، قويمايمىز. دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمنى سادىر قىلغان بەش تېررورچى قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلدى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز داۋام قىلماقتا. ئالدىمىزدىكى سائەتلەردە بۇ ساننى كۆپىيىدۇ، دەپ قاراۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر ئاقار 40 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ بېشىغا بالا بولۇپ كېلىۋاتقان تېررورچىلارنى يوقىتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ پەقەت بىزنىڭلا ئەمەس، ئوخشاشلا قوشنىلىرىمىز ئۈچۈنمۇ زور ئۇتۇق بولىدۇ. 2015 – يىلى 24 – ئىيۇل تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ساھەسىدە باشلانغان يېڭى مۇساپە ئىچىدە ھازىرغىچە 18582 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. 2021 – يىلى 1 - يانۋاردىن بۇيان 2136 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر