تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ رىمدا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ 20 – گ گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىتالىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلىدىغان 20 – گ گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا زىيارەتتە بولماقتا.

1715977
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ رىمدا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 6.15 دە رىم شەھىرىدىكى كىئامپىنو ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، بۈگۈن 20 – گ گۇرۇھىنڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىتالىيە تەرىپىدىن ئىتالىيە پالاتاسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ، «ئىنسانلار، يەر شارى ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن پارلامېنتلارنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىلىق  ئېچىلىشىغا قاتنىشىدۇ.

«‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش كرىزىسلىرىنى ھەل قىلىش چارىلىرى» تېمىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئولتۇرۇشتىمۇ نۇتۇق سۆزلەيدىغان شەنتوپ، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، ھەمدە 20 – گ گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، بۈگۈن، «ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت سىجىللىقى جەھەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قايتا جانلاندۇرۇش» تېمىلىق ئولتۇرۇشتا، ئەتەنە، «كوۋىد – 19 يۇقۇمىدىن كېيىنكى مەزگىلدە سىجىللىق ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» تېمىلىق ئولتۇرۇشتا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر