فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
سۈرىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ سۈرىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا قىلغان راكېتا ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارمۇ مىنىستىرلىقنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «قەھرىمان شېھىتىمىزغا ئۆزۈم ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنسۇپلىرى نامىدىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن؛ مۇسىبەتلىك ئائىلىسى ۋە خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمەن ۋە سەۋر تىلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە 2016 – يىلى ئاۋغۇستتىن 2017 – يىلى مارتقىچە تېررورچىلارغا قارشى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى.