چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1716383
چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئالجىرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيەنى ئەيىبلىگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان فىرانسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تارىخى بىلەن يۈزلەشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بىز بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىمىزنى ئاللىبۇرۇن بىلدۈرگەنىدۇق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، يېقىندىن بۇيان تارىخىي مەسىلىلەردە خاتا تەھلىللەر ۋە بۇرمىلاشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە فىرانسىيەنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە سەمىمىي ئىكەنلىكىگە قارىتا گۇمانىي قاراشلار كۆپىيىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ فىرانسىيەنىڭ، تارىخىدا مۇستەملىكىچىلىكتەك قارا داغ بولمىغان تۈركىيەنى بۇنداق بىمەنە تالاش – تارتىشلارغا داخىل قىلىشى تولىمۇ خاتا، دەرۋەقە، ئالجىرىيەمۇ بۇ ھەقتە فىرانسىيەگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇردى.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ماكرون بىلەن، ئۆزىنىڭمۇ فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەس، بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ باياناتلارنى توغرا دەپ قارىمايمىز، نۆۋەتتە فىرانسىيە سايلام باسقۇچىغا كىرىپ قالدى، شۇڭا سايلام سەۋەبىدىن ماكرون مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز. ھالبۇكى، مەيلى فىرانسىيەدە بولسۇن، مەيلى باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن، بۇنداق ئەھمىيەتسىز سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ سايلاملاردىمۇ پايدىسى يوقلۇقىنى كۆردۈق ۋە كۆرۈۋاتىمىز، شۇ ۋەجىدىن، ماكروننىڭ، ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان بۇنداق مودىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىمەنە تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۆز خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى تېخىمۇ پايدىلىق، دەپ قارايمىز، ئەگەر ماكروننىڭ بىز توغرۇلۇق دەيدىغان بىر گېپى بولسا، ئارقىمىزدىن ئەمەس، بىۋاسىتە يۈزىمىزگە دېيىشى كېرەك، خۇددى جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئوخشاش.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر