تۈركىيەدە 24 سائەت ئىچىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن 248 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 248 كىشىىگە يەتتى.

1714721
تۈركىيەدە  24 سائەت ئىچىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن 248 كىشى قازا قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 352 مىڭ 214 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 28 مىڭ 810 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 33 مىڭ 152 كىشىگە يەتتى. تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 110 مىليون 767 مىڭ 972 گە يەتتى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر