«<غەرب ئۈستۈنلۈككە ئىگە> شەكلىدىكى چۈشىنىش دەۋرى ئاخىرلاشتى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «غەرب ئۈستۈنلۈككە ئىگە» دېگەندەك مەسىلە يارىتىدىغان چۈشىنىش دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

1715080
«<غەرب ئۈستۈنلۈككە ئىگە> شەكلىدىكى چۈشىنىش دەۋرى ئاخىرلاشتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» ناملىق كىتابى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى قىلغان تەنقىدلىرى ۋە ھەل قىلىش چارە تەكلىپلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، «نېمىشقا بۇنداق بىر كىتابنى نەشر قىلىشقا ئېھتىياج بار؟» لىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا، يەر شارىۋى تۈزۈمنىڭ كەڭ دائىرىلىك دۇئېل ئېلان قىلىنىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر بۇ ئۆزگىرىشكە ھەم باشلامچى بولۇشقا تىرىشقانلىقىنى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى مەۋجۇت مەسىلىلەرگە ئاغدۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بارلىق ئادالەتسىزلىكلەرگە دىن، تىل ۋە ئىرق ئايرىماستىن ئاغدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى؛ ھەمىشە ئادىل بولۇش، ئادالەتلىك پوزىتسىيە تۇتۇشنى چىقىش نۇقتا قىلغانلىقلىرىنى، ھەمدە تەڭسىزلىكلەرنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ،  يەر شارىۋى تۈزۈمنىڭ ۋىجدانى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىرغىچە جاراڭلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى تارىخ سەھىپىسىدە خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن بىر كىتابتا بىر يەرگە توپلاشنى قارار قىلدۇق.»

ھازىرقى دۇنيا تۈزۈمى دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن خىرىسلارنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىرلا دۆلەت ئۆز ئالدىغىلا يېڭەلەيدىغان دۇئېل ئېلان قىلىش ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، دۇنيا سىياسىتىگە نەزەر تاشلانغىنىدا، باشقىچە بىر مەنزىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<غەرب ئۈستۈنلۈككە ئىگە> دېگەندەك مەسىلە يارىتىدىغان چۈشىنىش دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالدۇق، بۇ ھەقتە ھەممە دەتالاش قىلىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭ راستلىقىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، ئەسىرلەر بويى داۋاملاشقان غەرب زومىگەرلىكى دەۋرى ئاخىرلاشتى؛ دەرۋەقە، نۆۋەتتە  يېڭى بىر خىل خەلقئارالىق تۈزۈم بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.»

ئەردوغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن  قانۇن – بەلگىلىمىلىرى بار بىر دۇنيا تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز دەيمىزكى، ئەگەر قانۇن – بەلگىلىمىلەر بار بولسا، ئۇنداقتا ھەممە  بۇ قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلسۇن؛ ئەگەر بۇ قانۇن - بەلگىلىمىلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولسا، ئۇنداقتا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قانۇن - بەلگىلىمىلەر ۋە خەلقئارالىق تۈزۈملەر ھەققىدە قايتىدىن مۇزاكىرە ئېلىپ بارايلى، بۇ ئارقىلىق، يەر شارىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرالايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن، يەر شارىنى باشقۇرۇشنىڭ مەركىزى قەيەر؟  ئەلۋەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدۇر، ئۇنداقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرشارىنى ياخشى باشقۇرۇشقا ۋەدە بېرەمدۇ؟ بەلكىم شۇنداق، ئەمما بۇ ۋەدىسىدە تۇرۇۋاتامدۇ؟ ياق. شۇڭا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ، يەر شارىنى باشقۇرۇش مەسىلىلىرىنى تەدرىجىي ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلايلى، دەرۋەقە، بۇ دادىل قەدەمنى چوقۇم بېسىش مەجبۇرىيىتىمىز باردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر