ئەردوغان: بىز قولغا كەلتۈرىدىغان تەرەققىيات ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزلىرى قولغا كەلتۈرىدىغان تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، مۇقىملىقى ۋە ئادالەتلىك كىرىم تەقسىماتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ياشلارغا يېڭى خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1713484
ئەردوغان: بىز قولغا كەلتۈرىدىغان تەرەققىيات ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 27 – نۆۋەتلىك 5 - قانۇن چىقىرىش يىلىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلدى.

نۇتىقىدا، يېڭى ئاساسىي قانۇن، تېررورىزم، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىغا  سالغان مەبلەغلەرنىڭ مېۋىسىنى مۇشۇنداق كرىزىس مەزگىلىدە تولۇق ئالغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. بىز قولغا كەلتۈرىدىغان تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، مۇقىملىقى ۋە ئادالەتلىك كىرىم تەقسىماتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ياشلارغا يېڭى خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.»

يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلە بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشى كىرىزىسى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى پارلامېنتقا سۇنۇش قارارىمىز، بىز قوزغىغان يېشىل تەرەققىيات ئىنقىلابىنىڭمۇ تۇنجى خۇش خەۋىرىدۇر.»

ئۇ، سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆچمەنلەر ئېقىنىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە قانچىلىك دەرىجىدە ئاجىزلىقىنىڭ ئايان بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئۆز ئالدىغىلا 4 مىليون مەزلۇمنى باغرىغا بېسىۋاتقان بىر پەيتتە، بىر قانچە مىڭ مۇساپىرنىڭ ئالدىدا ئالاقزادە بولۇپ، ئىنسانىي پەزىلەتتىن يىراق پوزىتسىيەلەردە بولغانلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ ئىنسانىي پەزىلەتتىن خالىي پوزىتسىيەنىڭ ساھىبلىرى يەنە، مۇساپىرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلماقتا؛ ئاقدېڭىزنىڭ قاراڭغا سۇلىرىدا ھەر يىلى قانچە مىڭ كىشى ئۈمىد سەپىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار توپلىنالمۋاتىدۇ، ھالبۇكى، پەقەت بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىلا ۋىجدانىي، ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە  ۋە كىشىلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان جەمئىيەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك بولۇشى كېرەك ئىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر