ئەتىياز - ياز پەسلىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەتىياز - ياز پەسلىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك 39 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 127 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2021 – يىلى ئاپرېلدا باشلانغان ئەتىياز – ياز پەسلى «ئەرەن» ھەربىي ھەرىكەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاندى.
بۇ جەرياندا، 4 ى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى»، 1 ى «كۆك رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى»، 10 ى «قىزغۇچ رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى»، 17 ى «كۈل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» كاتېگورىيەسىدىكى ۋە 5 ى رەڭ كاتېگورىيەسىدە بولمىغان ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك 39 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 127 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى؛ 402 پاناھ جاي، غار ۋە يەر ئاستى ئىسكىلاتى، 242 مىنا، پارتلاتقۇچ، 271 قورال – ياراغ، 258 قول بومبىسى، 632 تۈپ (تۇڭ) ۋە 13 توننا يېمەك - ئىچمەك ھەم تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.