ئەردوغان: ئامېرىكا سېتىپ بەرگەن بولسا، رۇسىيەدىن ئالمىغان بولاتتۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا زىيان سالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەنقىدنى رەت قىلدى.

1712521
ئەردوغان: ئامېرىكا سېتىپ بەرگەن بولسا، رۇسىيەدىن ئالمىغان بولاتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا زىيان سالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەنقىدنى رەت قىلىپ: «ئەگەر ئامېرىكالىقلار ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تۈركىيەگە سېتىپ بەرگەن بولسا، بىز S-400 نى سېتىۋالمىغان بولاتتۇق» دېدى.

ئامېرىكانىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، 76 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى جەريانىدا  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ S-400  غا ئالاقىدار بۆلۈمىنى ئېلان قىلدى.

ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرگە قىستۇرما قىلىپ ئېلان قىلىنغان مەزكۇر بۆلۈمدە، ئەردوغاننىڭ رۇسىيەنىڭ ئىلغار مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق غەربنىڭ ئاساسلىق ھەربىي ئىتتىپاقى بولغان ناتوغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تەنقىدنى رەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «نيۇ – يورك» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ھەم ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ھەمدە ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەنىڭ قورال بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىنى تاللاش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «بىز ئۆز قوراللىرىمىزنى سېتىۋالىمىز» دېگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

ئەردوغان يەنە: «ئەگەر ئامېرىكالىقلار ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تۈركىيەگە سېتىپ بەرگەن بولسا، بىز S-400 نى سېتىۋالمىغان بولاتتۇق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ S-400 لەرنى سېتىۋېلىشىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سۈركىلىشكە ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «مېنىڭچە ئەرزىيدۇ، بىز مۇداپىئەمىزنى خالىغانچە كۈچەيتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىلا مۇھىملىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇناسىۋىتى بار، بۇنىڭ قوغدىلىشى ۋە كۈچەيتىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر