«مەۋجۇدىيەت دۇنياسىدىكى تىلىمىزنى ئۇزۇقلاشدۇرۇش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈر»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەۋجۇدىيەت دۇنياسىدا ياشاۋاتقان تىلىمىزنى ئۇزۇقلاندۇرۇش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركچەنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.

1710412
«مەۋجۇدىيەت دۇنياسىدىكى تىلىمىزنى ئۇزۇقلاشدۇرۇش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈر»

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 26 – سېنتەبىر «تۈرك تىلى بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيادىكى ساناقلىق تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۈرك تىلىنىڭ، مىللىي روھنىڭ شەكىللىنىشى، مىللىي كىملىكنىڭ روياپقا چىقىرىلىشى ۋە ياشىتىلىشىدا ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ««تىلىمىزنىڭ پۈتكۈل بايلىقلىرىنى باغرىغا بېسىش ئېڭىغا ئاساسەن، تۈرك تىلىمىزنى قوغداش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، مەۋجۇدىيەت دۇنياسىدا ياشاۋاتقان مىسلىسىز بىر بايلىق بولغان تىلىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تۈركچەمىزنى توغرا ئىشلىتىشكە داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، تېخنولوگىيە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە دىگىتاللىشىش كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، تىلىمىزنى چوقۇم جان تىكىپ قوغدىشىمىز شەرت، تۈركچەنىڭ سەنئەت، ئەدەبىيات، ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىدىن سىرت يەنە، تىلىمىزنىڭ موللىقى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاغزاكى ۋە يازما ئەسەرلەرنىڭ بارلىقققا كەلتۈرۈلۈشى، مول تىل بايلىقىمىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش ۋە تۈركچەمىزنىڭ ئىناۋىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر قەدەم بولىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركچەنىڭ پاساھەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەم گۈزەللىكلىرىنىڭ كەشپ قىلىنىشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق تىلشۇناسلار، ناتىقلار ۋە پىداكار قەلەمكەشلەرنى مىننەتدارلىق بىلەن ياد ئېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «تۈرك تىلى بايرىمى» كۈنىنىڭ، تۈركچەنىڭ ياشىتىلىشى، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆز پېتى مىراس قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر