ئىدلىبتا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى
سۈرىيەدە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى چارلاش خىزمەتلىرى جەريانىدا قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى، ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى.
1705734
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-سېنتەبىر (2021) ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى چارلاش جەريانىدا قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ھۇجۇمدا يەنە ئۈچ ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.